ئەپلىسىن رەڭلىك تۇتۇش تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان تېررورچى ئىستانبۇلدا نازارەتكە ئېلىندى

تېررورلۇقتىن تۇتۇس بۇيرىقى چىقىرىلغانلار ئارىسىدا، ئەپلىسىن رەڭلىك تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان، ​​كود ئىسمى رودى چەۋلىك ۋە ئەسلى ئىسمى سونۇچ گۈردەگىر يوشۇرۇنغان يېرىدىن نازارەتكە ئېلىندى.

1696118
ئەپلىسىن رەڭلىك تۇتۇش تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان تېررورچى ئىستانبۇلدا نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن بىنگۆل ۋە ئىستانبۇل ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ​​ئەرزۇرۇم ئۆلكىسى مەسئۇلى شۇنداقلا تېررورلۇقتىن تۇتۇس بۇيرىقى چىقىرىلغانلار ئارىسىدا، ئەپلىسىن رەڭلىك تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان، ​​كود ئىسمى رودى چەۋلىك ۋە ئەسلى ئىسمى سونۇچ گۈردەگىرنىڭ ئىستانبۇل ئاتاشەھىردە يوشۇرۇنغان ئادرىسى ئېنىقلانغان.

ئەتىگەن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە نازارەتكە ئېلىنغان تېررورچى گۈردەگىرنىڭ 11 خىل ئايرىم ئايرىم جىنايەت ئارخىپى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر