تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارغا تەۋە 28 نىشاننى بىتچىت قىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاسوس رايونىدا بايقالغان تېررورچىلارغا تەۋە 28 نىشان ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بىتچىت قىلىندى.

1696238
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارغا تەۋە 28 نىشاننى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىغا 200 كىلومىتىر كېلىدىغان چوڭقۇرلۇقتىكى ئاسوس رايونىدا بەزى جايلاردا تېررورچىلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

بۇ نىشانلارغا قارىتا، 20 دىن ئارتۇق ئايروپىلاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە، پاناھجاي، بومبا ۋە ئوق دورا ئامبىرى، ئاتالمىش ​​باش ئىشتاب ۋە تېررورچىلارغا تەۋە ئۆڭكۈرلەردىن تەركىپ تاپقان 28 نىشان بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ئاساسلىقى يەرلىك ۋە مىللىي بومبىلار ئىشلىتىلگەن ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر