شەنتوپ ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى.

1696319
شەنتوپ ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇكرائىنا پارلامېنت باشلىقى دمىترو رازۇمكوۋغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، دوست دۆلەت ئۇكرائىنا خەلقى ۋە رازۇمكوۋنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا بىلەن مەۋجۇت مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى، بۇ دائىرىدە، پارلامېنتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار ۋە زىيارەتلەرنىڭمۇ كۆپىيىشىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر  يەرگە جەم بولۇش ئۈمىد بىلەن، سىزنىڭ نامىڭىزدىن ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرىغا ئامانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر