ئەردوغان: ئافغانىستان مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافغانىستان مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1694604
ئەردوغان: ئافغانىستان مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەرب دۇنياسىنىڭمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ ئافغانىستان مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « بىز بارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز ھەم ئىمكانىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشتە تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق، ھازىرمۇ كۆرسىتىۋاتىمىز، جۈملىدىن، ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

تۈركىيەدە نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى  تارماقلىرىدا تىزىمغا ئېلىنغان ۋە تىزىمغا ئېلىنمىغان 300 مىڭ ئافغانىستانلىق كۆچمەننىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە بىز ھەم ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز، ھەمدە ئافغانىستان سىياسەتلىرىنى بىز ياخشى بىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. جۈملىدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئەتە چاقىلىرىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، تالىبان بىلەنمۇ مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن، دەرۋەقە، ئوتتۇرىدا بىر رېئاللىق بار بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىشىكىمىز چېكىلگەندە، ئىشىكلىرىمىزنى ئېچىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزەرمىز.»

يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر