ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار ئامبىرى بولۇشتەك بىر ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مۇساپىرلار ئامبىرى بولۇشتەك بىر ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يوق» دېدى.

1694215
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار ئامبىرى بولۇشتەك بىر ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ، پايتەختى كابۇل يەكشەنبە كۈنى تالىبانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ: «زۆرۈر تېپىلغاندا، بىز يەنە تالىبانلار تەشكىل قىلىدىغان ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئورتاق كۈنتەرتىپىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تالىباندىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئافغانلارغا ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مۇساپىرلار ئامبىرى بولۇشتەك بىر ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يوق... ئەلۋەتتە، تۈركىيە خالىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ قوللىرىنى سالغان پېتى خالىغانچە كىرىپ-چىقىدىغان، خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئىگە – چاقىسىز بىر دۆلەت ئەمەس» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى، تەرتىپ - ئىنتىزاملىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پوزىتسىيەلەرنى نامايان قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر