ئەردوغان: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييارلانماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1693654
ئەردوغان: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى شەيخ تاھنون بىن زايىد ئەننەھياننى قوبۇل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوبۇلدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئەردوغان، كېيىنچە بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى جىددىي مەبلەغ سېلىش نىشانلىرى، سېلىنما پىلانلىرى بار، ئىشىنىمەنكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزگە جىددىي مەبلەغ سېلىشنى باشلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر