ئوكتاي: ئارالدا  ھوقۇقتا باراۋەر 2 خەلق، 2 دۆلەت بار

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قىبرىس ئارىلىدا ھوقۇقتا باراۋەر 2 خەلق ۋە 2 دۆلەت بارلىقىنى ئېيتتى.

1693215
ئوكتاي: ئارالدا  ھوقۇقتا باراۋەر 2 خەلق، 2 دۆلەت بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان تانەرنى ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «قىبرىسنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزدە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭمۇ قەلبىمىزدە ئايرىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەردائىم تەكىتلەپ كېتلىۋاتىمىز، لېكىن، بىزنىڭ بۇ ئىجابىي قارىشىمىز، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھېچقاچان قىبرىس رۇم تەرىپىدىن تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىكارغا ئاۋارىچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان يەنە 50 يىل ۋاقتى يوقتۇر، بىز بۇنى قايتا-قايتا بايان قىلدۇق، بۈگۈنمۇ بايان قىلىۋاتىمىز، بۈگۈن قىبرىس ئارىلىدا ھوقۇقتا باراۋەر 2 خەلق، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل ئىككى دۆلەت باردۇر.»

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ ماراشتا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىنىمۇ ئوخشاش ئاڭغا ئاساسەن قوللاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئوكتاي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ماراشنىڭ ئېچىۋېتىلىشى تامامەن خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە تاشلانغان قەدەملەرگە ئاساسلىنىدىغان بولۇپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرى يېڭى ھەقسىزلىقلارنىڭ يارىتىلىشىنى ئەمەس، ئەكسىچە مەۋجۇت ھەقسىزلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلماقتا.»

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان گىدروكاربون قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئوكتاي، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنى ئىغۋاگەرلىك سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، تۈركىيە ھەم ئۆز ماترىك سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، ھەمدە قىبرىس ئارىلىدىكى ھوقۇقتا باراۋەر ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قىبرىس تۈركلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى، بۇ ئىرادە ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسان تانەر ،مۇنداق دېدى: «ئاقدېڭىزدا <ماۋى ۋەتەن> دەپ ئاتالغان رايوندا، تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىدۇ، تۈركىيە يېنىمىزدىلا بولىدىكەن، بىزنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىمىزگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، دەرۋەقە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يەنە 50 يىل ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ۋاقتى يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر