ئەردوغان كەڭ دائىرىلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2012 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كەڭ دائىرىلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1693225
ئەردوغان كەڭ دائىرىلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەھەر ئۆزگەرتىش  خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق زاپاس تۇرالغۇلارنىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەتئىي ئىرادە  بىلەن داۋاملاشتۇلۇۋاتقان كەڭ دائىرىلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 81 ۋىلايەت، 922 ناھىيەدە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق 300 مىڭ تۇرالغۇ  سېلىنغانلىقىنى، بۇ تۇرالغۇلاردىن 100 مىڭىنىڭ ئىستانبۇلدا بولۇپ، 90 مىليارد تۈركىيە لىراسى چىقىم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر