ئەردوغان: بىز مەسۇم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بومبا ياغدۇرىدىغانلاردىن ئەمەسمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت چېگرالىرىدىن ئون مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش نامىدىن پۇقرالار – مەسۇم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بومبا ياغدۇرىغانلاردىن بولمىغانلىقلىرىنى ۋە بولمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1692765
ئەردوغان: بىز مەسۇم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بومبا ياغدۇرىدىغانلاردىن ئەمەسمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا 15 – نۆۋەتلىك  IDEF'21 خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە تەرەققىي قىلدۇرغان بارلىق ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇنىڭدىن سۆيىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا ۋە دۇنيادا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىشەنچ مۇھىتى بەرپا قىلىش، مۇداپىئە سانائىتىدە ئادىل تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىشقا باغلىق، دەپ قارايمىز، تۈركىيە يېقىنقى 19 يىلدا باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا مۇداپىئە سانائىتىدىمۇ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە چەت ئەلگە تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش يولىدا ئاتلانغان بۇ سەپەردە، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ناھايىتى ياخشى بىر نۇقتىغا كەلدۇق.»

مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە چەت ئەلگە تايىنىشچانلىقىنى% 80 تىن% 20 كە تۆۋەنلەتكەنلىكلىرىنى بايان قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساھەدە بىۋاسىتە ئىسپاتلىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىزنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە  ئالدىنقى 3-4 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتىمىز، بىر تامچە  نېفىتنى بىر تامچە قاندىنمۇ قىممەتلىك كۆرۈش قارىشىنىڭ، بىزنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىمىز، جەمئىيىتىمىز ۋە دۆلەت دۇنيامىزدا زەررىچىلىكمۇ قىممىتى يوقتۇر، بىز ئەزەلدىن دۆلەت چېگرالىرىدىن ئون مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش نامىدىن پۇقرالار – مەسۇم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا بومبا ياغدۇرىغانلاردىن بولمىدۇق ۋە بولمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر