تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرناقتا «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1692677
تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىرناق – مەركەز ناھىيەسىدىكى جۇدى تېغىغا جايلاشقان تۇشىمىيا رايونىدا، شىرناق ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر