سەل ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 70 كە يەتتى

قارا دېڭىز رايونىدىكى سەل ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 70 كە يەتتى.

1691762
سەل ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 70 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى — ئافاد بايانات ئېلان قىلىپ، سەل ئاپەتلىرىدە كاستامونۇدا 60، سىنوپتا توققۇز، بارتىندا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغان سەككىز كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەل ئاپەتلىرىدىن كېيىن بارتىننىڭ ئۇلۇس ناھىيەسىدە 341، كاستامونۇدا 1480، سىنوپنىڭ ئايانجىك ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ مەھەللىلىرىدە بولسا، 560 ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر