سۇلايمان سويلۇ  قارا دېڭىز رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

قارا دېڭىز رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 58 كىشىگە يەتتى.

1691318
سۇلايمان سويلۇ  قارا دېڭىز رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
karadeniz sel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ھەمدە مۇھىت ئاسراس ۋە شەھەر قۇرۇلىشى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم كاستامونۇدا كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

سۇلايمان سويلۇ كاستامونۇدا 48، سىنوپتا 9 ۋە بارتىندا 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئومۇمىي ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 58 گە  ۋە  يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ 77 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇلايمان سويلۇ بۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا 1000 نەپەر ژاندارما، 1000 نەپەردىن ئارتۇق AFAD (ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى) پىدائىيلىرىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ۋاكۇئۇملۇق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن  خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر