ئالتۇن: چېگرا بىخەتەرلىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1690544
ئالتۇن: چېگرا بىخەتەرلىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، بۇ يىل شەرقىي ۋە جەنۇبىي چېگرالاردا 267 مىڭ 638 چەت ئەللىكنىڭ تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئالتۇن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: چېگرا بىخەتەرلىكىمىز تۈركىيەمىز ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي ۋە جەنۇبىي چېگرالىرىمىزدا 267 مىڭ 638 چەت ئەللىكنىڭ دۆلىتىمىزگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. چېگرا بىخەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر