ئەردوغان بىر قانچىلىغان دۆلەت رەئىسلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئەردوغان تېلېفون دىپلوماتىيەسى دائىرىسىدە بىر قانچىلىغان رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى
1689065
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى، سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سالل، جىبۇتى پىرېزىدېنتى ئىسمائىل ئۆمەر گېللەھ ۋە نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان رەھبەرلەر بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئەردوغان ئورمان ئوت ئاپىتى يۈزىسىدىن ھال سوراش تېلەكلىرىنى يوللىغان سال، زۇرابىشۋىلى، گېللەھ ۋە بۇخارىنىڭ ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.