تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئالجىرىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
1689295
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئالجىرىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرىدە پۇقرالارنىڭ ۋە ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان 25 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى»نى قەيت قىلدى.
باياناتتا: «ئوت ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، دوست ۋە قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىدە 25 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 42 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.