ئاقار پاكىستانغا كەتتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا كەتتى.

1688612
ئاقار پاكىستانغا كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، پاكىستاندا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پەرۋەز قاتتاق، مۇداپىئە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى زۇبەيدە جالال ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى قەمەر باجۋا قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە. شۇنداقلا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر