«ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

«ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1688369
«ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىناق رايونلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماشلىشىشى بىلەن، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى،   شىرناق – بەستلەر دەرەلەر رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەم ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر