ئەردوغان تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى ۋە قىبرىس توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «كۆيۈپ كەتكەن دەرەخلىرىمىز كۈللىرى ئىچىدىن قايتىدىن بەرپا بولغان كۈنلەرنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز» دېدى.

1685906
ئەردوغان تۈركىيەدىكى دالا  ئوت ئاپەتلىرى ۋە قىبرىس توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بىر تەرەپتە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە زىياننى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئوت كەتكەن بارلىق جايلارنى — ئىنشائاللاھ — يېشىللاشتۇرىمىز... بەش يېرىم مىليارد تۈپ كۆچەتنى قانداق تىكىلگەن بولسا، خەلقىمىز خاتىرجەم بولسۇنكى، كۆيۈپ كەتكەن دەرەخلىرىمىز كۈللىرى ئىچىدىن قايتىدىن بەرپا بولغان كۈنلەرنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ماراش ھەققىدە بولسا: «كۈزدە بىر خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ يىغىن ئارقىلىق ئىشنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكچىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر