ئىبراھىم قالىن ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېف بىلەن كۆرۈشتى.

1685233
ئىبراھىم قالىن ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا قالىن بىلەن لاۋرانتىيېف رىياسەتچىلىك قىلغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مۇساپە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىن جەريانىدا، كېلىشىم سايىسىدا يارىتىلغان مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

يىغىندا ، سىياسىي مۇساپىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ۋە سۈرىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تېزلىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ پائال ئىشلىنىشى ۋە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان يىغىندا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە پ ي د/ي پ گ/پ ك ك بىلەن دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى پائال كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىندى.

سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن يىغىندا، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2585 نومۇرلۇق قارارىنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق بىر قارار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇ قاراردىن مەمنۇن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر