ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بۈيۈك رەھبەر  ئاتاتۈركنىڭ مېيىتىمۇ بار بولغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1685521
ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى
erdogan yas toplantisi.jpg
erdogan yas uyeleri anitkabir'de.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى يىغىن ھارپىسىدا، ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا باردى، ئاندىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، مىساقى مىللىي مۇنارىغا ئۆتتى. بۇ يەردە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىنى ئىمزالىدى ۋە دەپتەرگە مۇنۇلارنى يازدى:

«ھۆرمەتلىك  ئاتاتۈرك! ئالىي ھەربىي كېڭەش ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2021 – يىللىق يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھۇزۇرىڭىزدىمىز، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى سىزمۇ تەۋسىيە قىلغىنىڭىزدەك زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز  كۈرەش قىلىۋاتىمىز،  تۈركىيە پۈتكۈل دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارىماي، ئىقتىسادتىن مۇداپىئەگىچە، ئىشلەپچىقىرىشتىن سەھىيەگە كۆپلىگەن ساھەلەردە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە، بۇ باسقۇچتا، تۈركىيە ئارمىيەسى،  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئېلىپب ېرىۋاتقان غەلىبىلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەزىز خەلقىمىزگە ئىشەنچ بېغىشلىماقتا.»

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي ھەربىي كېڭەش يىغىنى، ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12.20 دە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر