جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1685177
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت رادېۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دالا ئوت ئاپەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىن ھال سورىغان» بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رادېۋغا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر