ئەردوغان تۈركىيەگە ياردەم ئەۋەتكەن دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دالا ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى  كۈرىشىنى قوللىغان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتتى.

1684990
ئەردوغان تۈركىيەگە ياردەم ئەۋەتكەن دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دالا ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرىشىمىزنى قوللىغان، ھال سورىغان، تەزىيە بىلدۈرگەن، ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ياردەم ئەۋەتكەن بارلىق دوست دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا خەلقىم نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆتىمىز.»

بولۇپمۇ دەسلەپكى قەدەمدىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ دالا ئوت ئاپەرلىرىگە قارشى كۈرىشى قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزغا تۈركىيە نامىدىن رەھمەت ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىغا، نامايەن قىلغان كۈچلۈك ھېسداشلىقى تۈپەيلى مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر