ئەردوغان گىرۇزىيە ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1683884
ئەردوغان گىرۇزىيە ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە-گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-گىرۇزىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، گىرۇزىيەنى رايونلۇق ھەمكارلىقلاردا ئاچقۇچلۇق دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بولۇپمۇ، رايونلۇق قاتناش ۋە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش لىنيەلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈركىيە-گىرۇزىيە-ئەزەربەيجان ئۈچ تەرەپ مېخانىزمىنى، ئالىي رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە جانلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەت بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

بۇ كۆرۈشۈشتىمۇ، تۈركىيە-ئېفىيوپىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېفىيوپىيەنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئېفىيوپىيەگە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر