129 ئوت ئاپىتىنىڭ 122 سى كونترول ئاستىغا ئېلىندى
تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا چىققان 129 ئوت ئاپىتىنىڭ 122 سى كونترول ئاستىغا ئېلىندى.
1683923
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان ھالدا ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فاھرەتتىن ئالتۇن: «35 ۋىلايىتىمىزدە يۈز بەرگەن 129 ئوت ئاپىتىنىڭ 122 سى كونترول ئاستىغا ئېلىندى» دېدى.