تۈركىيەگە چەت ئەلدىن ھال سوراش ۋە ھەمكارلىق باياناتلىرى كەلمەكتە

تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن چەت ئەلدىن تۈركىيەگە ھال سوراش ۋە ھەمكارلىق باياناتلىرى كەلمەكتە.

1683470
تۈركىيەگە چەت ئەلدىن ھال سوراش ۋە ھەمكارلىق باياناتلىرى كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوستىمىز، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كەڭ دائىرىلىك ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئوت ئاپەتلىرى داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە تۈركىيەگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىىشىۋاتىمىز، جۈملىدىن تۈركىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييارمىز.»

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرلىق مەھمىكىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر زولت سەمجېننىڭ، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا،  ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەشنى قوللاش ئۈچۈن ئىلگىرى تۈركىيەگە 100 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بىلەن 1 ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن ئەزەربەيجان، تۈنۈگۈنمۇ يەنە 53 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن 220 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەزەربەيجان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ ئەۋەتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر