تۈركىيە: لىۋىيەدە مىسراتە – سىرتە يولىنىڭ ئېچىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە لىۋىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مىسراتە – سىرتە ساھىل يولىنىڭ 30 – ئىيۇل كۈنى قاتناشقا ئېچىۋېتىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1683447
تۈركىيە: لىۋىيەدە مىسراتە – سىرتە يولىنىڭ ئېچىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پىرېزىدېنت كېڭىشى، باش مىنىستىر ئابدۇلھامىد دىبەيببە رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ھەيئىتى ۋە 5+5 بىرلەشمە ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇ دائىرىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى  تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «لىۋىيە خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغان بۇ قەدەمنىڭ دۆلەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

باياناتتا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ، دۆلەتتىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ پۇقراۋى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلەشتۈرۈلۈشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سىياسىي مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا تەييارلىق قىلىش دائىرىسىدە لىۋىيە خەلقى ۋە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر