«كۆكتۈرك» سۈنئىي ھەمراھلىرى ئورمان ئوت ئاپىتى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى

تۈركىيەنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مىللىي رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى «كۆكتۈرك – 1» ۋە «كۆكتۈرك – 2» ئانتاليانىڭ ماناۋگات ۋە مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەلىرىدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى.

1683524
«كۆكتۈرك» سۈنئىي ھەمراھلىرى ئورمان ئوت ئاپىتى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقاتقان سۈنئىي ھەمراھ فوتو سۈرەتلىرىدە، ئوت ئاپەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى يورۇتۇپ بېرىلدى.

مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ، ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مىنىستىرلىقلار ۋ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغىمۇ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماناۋگات ۋە مارمارىستىكى ئوت ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر