ئوت ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان جايلار ئاپەت رايونى ئېلان قىلىندى

ئانتاليا، مۇغلا، مەرسىن، ئادانا ۋە ئوسمانىيەدىكى دالا ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار «ئومۇمىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىندى.

1683231
ئوت ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان جايلار ئاپەت رايونى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلىرىمىزنى <ئومۇمىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاپەت رايونى> ئېلان قىلدۇق. خەلقىمىزنىڭ جاراھىتىنى تېڭىش، زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىش، ئىمكانىيەتلىرىنى بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشلاشقا تېگىشلىك بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغاننىڭ باياناتى بىلەن بىرلىكتە تارتقان كۆرسەتكۈچتە، ئوت ئاپىتى رايونلىرىغا ئىشارەت قىلىنغان تۈركىيە خەرىتىسى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاپەت رايونلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

كۆرسەتكۈچكە ئاساسلانغاندا، ئانتاليانىڭ ماناۋگات، ئاقسەكى، ئالانيا، گۈندوغمۇش ۋە گازىپاشا ناھىيەلىرى؛ مۇغلانىڭ مارمارىس، بودرۇم، مىلاس، كۆيجەغىز ۋە سەيدىكەمەر ناھىيەلىرى؛ مەرسىننىڭ ئايدىنجىك ۋە سىلىفكە ناھىيەلىرى؛ ئوسمانىيەنىڭ مەركەز ۋە قادىرلى ناھىيەلىرى بىلەن ئادانانىڭ ئالاداغ، ئىمامئوغلۇ، قارائىسالى ۋە كوزان ناھىيەلىرىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق مەھەللىلىرى ئاپەت رايونى ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر