تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ب د ت مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھىرىدىكى ئاساسىي قارارگاھىغا قارىتىلىپ، بىر ساقچىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1683156
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ب د ت مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، بۈگۈن ب د ت نىڭ ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھىرىدىكى ئاساسىي قارارگاھىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: «بىز تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان ب د ت نى زەربە ئوبيېكتى قىلغان بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغان مەمۇرنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھىرات ئۆلكىسىدىكى ئىشخانىسى مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر ئادەم قازا قىلغانىدى.

ب د ت ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئەترىتى، ھىراتتىكى ئىشخانىسنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر