پاكدەمىرلى: 98 دالا ئوت ئاپىتىنىڭ 88 ىنى تىزگىنلىدۇق

تۈركىيە مىقياسىدا يۈز بەرگەن 98 ئايرىم ئوت ئاپىتىنىڭ 88 ىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1683128
پاكدەمىرلى: 98 دالا ئوت ئاپىتىنىڭ 88 ىنى تىزگىنلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى بەكېر پاكدەمىرلى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «2021-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 98 دالا ئوت ئاپىتىنىڭ 88 نى كونترول ئاستىغا ئالدۇق. 10 يەردىكى ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېدى.

مىنىستىر پاكدەمىرلىنىڭ ئۇچۇرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئادانادا بىر، ئانتاليادا ئۈچ، مەرسىندە ئۈچ، مۇغلادا ئىككى، ئوسمانىيەدە بىر ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر