1595 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە 1595 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1682288
1595 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 10 ى چوڭ تىپتىكى بولۇپ، جەمئىي 40 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە 1595 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ، 23 – ئاپرېل كۈنى باشلانغان ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنجە – چاقماق» ۋە «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتىدا، ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان 215 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، 300 گە يېقىن غار، پاناھ جاينىڭ، 600 دىن ئارتۇق پارتلاتقۇچنىڭ يوقىتىلغانلىقى، كۆپ ساندا قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن ئىران چېگراسىغا تېگىشلىك قىسىملارنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە زاپاس قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، قىسىملارنىڭ چېگراغا تاجاۋۇز قىلىش دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان كابۇل ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ۋەزىپە ئۆتەش داۋاملاشقان تەقدىردە،  تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى بولمايدۇ ، ھەمدە ئۆزىنى قوغداشتىن باشقا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىمۇ بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر