فاھرەتتىن ئالتۇن ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگنېتلىقىدىن تۇنىس ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى بولغان ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنىستا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى بىرىنچى بولۇپ دۇنياغا بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

1680377
فاھرەتتىن ئالتۇن ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگنېتلىقىدىن تۇنىس ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى بولغان ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنىستا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى بىرىنچى بولۇپ دۇنياغا بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، توغرا ۋە ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ت ر ت ۋورلد (TRT World) ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدىن بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر دائىم ۋە ھەر قانداق يەردە دېموكراتىيە بىلەن مىللىي ئىرادەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتمۈشتە، خەلقنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ سايلام ئارقىلىق ئالماشماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپ ئازاپ-ئوقۇبەت چەككەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇ سەۋەبتىن، تۇنىستا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. دېموكراتىيەنىڭ بالدۇرراق قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر