ئەردوغان خىتاينى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئاياللار كوماندىسىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خىتاينى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.

1679811
ئەردوغان خىتاينى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئاياللار كوماندىسىنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى
a milli kadın voleybol takımı.jpeg
AA Tokyo Olimpiyat Oyunları.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم كاساپوغلۇ ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا مۇسابىقىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئەدا ئەردەم دۇندار بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كاپىتان ئەداغا تېلېفون قىلىپ، «سىلەر بىزنى ئىنتايىن ھاياجانلانغا سالدىڭلار، مۇسابىقىنى بىرىنچى سائىتىدىن تارتىپلا كۆردۈم ، بارلىق قىزلىرىمىزغا سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتلىرىمىزنى يوللايمەن، سەيشەنبە كۈنى ئىنشائاللاھ ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىسىنىمۇ كۆرىمەن» دېدى.

ئا مىللىي كوماندىمىز 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن B گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى ئولىمپىك چېمپىيونى بولغان خىتاي كوماندىسىنى  0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، مۇسابىقىدە ياخشى بىر باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

مەملىكەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 27-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان مۇسابىقىسى تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10.25 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر