ئەل بابتا شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

سۈرىيەنىڭ ئەل باب رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېرورچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر شېھىت بولۇپ، 2 ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.

1679747
ئەل بابتا شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، «فىرات قالقىنى رايونىدا 2 قەھرىمان ئەسكىرىمىزنى شېھىت قىلغان تېرورچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلدى. ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش نەتىجىسىدە ، تېرورلۇق بازىلىرى بىتچىت قىلىندى ۋە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 7 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

شېھىتلەرنىڭ قېنىنىڭ يەردە قالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرات قالقىنى رايونى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 2016-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرورلۇقتىن تازىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر