مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجان-پاكىستان-تۈركىيە پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجان-پاكىستان-تۈركىيە ئۈچ تەرەپ پارلامېنتى باشلىقلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتە ئەزەربەيجانغا بارىدۇ.

1679769
مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجان-پاكىستان-تۈركىيە پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن 27-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ.

يىغىندا «باكۇ خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىندىن ئىلگىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە باشقا پارلامېنت باشلىقلىرى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مۇستافا شەنتوپ باكۇدا ھەمدە ھايدار ئەلىيېۋ مەقبەرىسى بىلەن شېھىتلار باغچىسىدا گۈلچەمبىرەك قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىاشقاندىن كېيىن،  باكۇدىكى تۈرك شېھىتگاھلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ.

مۇستافا شەنتوپ 28-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە كارخانىچىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەندىن باشقا يەنە، پەيشەنبە كۈنى شۇشا ۋە فۇزۇلى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر