ئەردوغان ئەرزۇرۇم ۋە خاتاي توغرىسىدا ئايرىم - ئايرىم تېلگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيىنىڭ 102 يىللىقى ۋە خاتاينىڭ ئانا ۋەتەن تۈركىيەگە قوشۇلغانلىقىنىڭ 82 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى تېلېگرامما تارقاتتى.

1679368
ئەردوغان ئەرزۇرۇم ۋە خاتاي توغرىسىدا ئايرىم - ئايرىم تېلگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيىنىڭ يىل ئايلىنىش خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا، خەلقنىڭ، ۋەتىنىنىڭ پارچىلانماسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قەتئىي نامايان قىلغان ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيىنىڭ، مىللىي كۈرەشنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش جەھەتتىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيىدا خەلقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ھەر خىل تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇداخىلىلەرگە قارشى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك قوغدىنىش ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى جاكارلىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەرزۇرۇمدا چىقىرىلغان مىللىي بىرلىك كېلىشىمى ماھىيىتىدىكى قارارلار ئارقىلىق ئازادلىق ئۇرۇشىنى بۈيۈك غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن يولنىڭ تۇنجى قەدەملىرى تاشلاندى. مىللىي كۈرەش يىللىرىدا ئۆزىنى نامايان قىلغان بۇ كۈچلۈك ئاڭ ۋە ئىرادە بۈگۈنگە قەدەر بىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا ۋە كۈچ بېغىشلىماقتا... بىز تارىخىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە كەلگۈسىگە قاراپ دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ مېڭىشنى، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە كۈنىدە غازى مۇستاپا كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەيمەن ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن، بارلىق خەلقىمگە ئەڭ چىن ھېسسىياتىم بىلەن سالام  يوللايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە: «ئەسىرلەر بويى قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنى باغرىغا باسقان قېرىنداشلىق ۋە كەڭ قورساقلىق مەركىزى خاتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىش قارارى مىللىي بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىمىزنى كۈچەيتتى... ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھازىرمۇ كۈچلۈك ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ ماڭماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر