ئەردوغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارتۋىن ۋە رىزە ۋىلايەتلىرىدە سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن رايونلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

1679177
ئەردوغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىزە ۋىلايىتىنىڭ گۈنەيسۇ ناھىيەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۇ ئاپىتىدە 6 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەن 2 كىشىنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر - تاقەت تىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلاردىن يەنە بىر قېتىم ھال سورىدى.

ئاپەت خەۋىرى تارقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رىزە ۋىلايىتىدە 328 ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 2 مىڭ 860 خادىم بىلەن 705 ماشىنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى، ئاپەت سەۋەبىدىن تاقالغان 426 يولنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ئىچىملىك سۈيى، ئېنېرگىيە ۋە خەۋەرلىشىشتە ھېچقانداق قىيىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تېگىشلىك ياردەملەرنىڭ بېرىلىشكە باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دەسلەپكى قەدەمدە رىزە ۋىلايىتى مىقياسىدا 15 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن 550 تۇرالغۇ بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۇ ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رىزەلىك ۋە ئارتۋىنلىك قېرىنداشلىرىمىز خاتىرجەم بولسۇن، دۆلىتىمىز بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ يېنىدا.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رىزە ۋىلايىتىگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، سۇ ئاپىتىدىن كېيىن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلىدىن ئۇچۇر ئىگىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر