تۈركىيە خىتايغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1678619
تۈركىيە خىتايغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن سۇ ئاپىتىدە 33 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 376 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، خىتاي خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر