تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىبرىس رېئاللىقىدىن بىخەۋەر قېلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، جوسېپ بوررېلنىڭ قىبرىس توغرىسىدىكى باياناتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1678152
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىبرىس رېئاللىقىدىن بىخەۋەر قېلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى جوسېپ بوررېلنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ بايانات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس رېئاللىقىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ يېڭى ئىسپاتى» دېدى.

باياناتچ تانجۇ بىلگىچ، جوسېپ بوررېلنىڭ قايتا ئېچىش قارار قىلىنغان ماراش ھەققىدىكى باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنىڭ (تۈركىيەگە نىسبەتەن) ئىناۋەتسىز ھېسابلىنىدىغانلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بوررېلنىڭ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس رىئاللېقىدىن قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ يېڭى ئىسپاتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى نامىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە بىزگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىز بولغان بۇ بايانات، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغان جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى بىلەن گىرېتسىيەنىڭ باياناتچىلىقى ۋە ئادۋوكاتلىقىنى قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەر قانداق ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراشقا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىلگىچ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ قارارلار ماراشتىكى مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئېيتقاندەك، بۇ قارارلار يېڭى ناھەقچىلىكلەرنى پەيدا قىلمايدۇ، ئەكسىچە كونا ناھەقچىلىكلەرنى يوقىتىدۇ» دېدى.

بىلگىچ باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىبرىستىكى رېئاللىقنى كۆرۈشكە ۋە «قىبىرس تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش»كە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر