فۇئات ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىنى تەنقىدلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىغا قارىتا، «دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى يوق قىلىدىغان بۇنداق مۈجمەل قارارنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن» دېدى.

1677804
فۇئات ئوكتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىنى تەنقىدلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فۇئات ئوكتاي پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىنى تەنقىدلەپ، بۇ قارارنىڭ ئادالەتسىزلىكنىڭ ئۈلگىسى، زوراۋانلىق ۋە ئىرىقچىلىقنىڭ نەخ ئۆزى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فۇئات ئوكتاي يەنە قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنىنىمۇ تەبرىكلەش بىرگە بارلىق پۇقرالارنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ، بۇ ھېيتنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر