تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلدى.

1677211
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىغا يېتىپ باردى.

مىسىر بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى بولغان رەفاھتىن ئۆتۈپ، رايونغا يېتىپ بارغان 10 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى، پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى، يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرىدىن سىرت يەنە، تېببىي لازىمەتلىكلەر، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە كىيىم – كېچەكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان غەززە رايونىنى 2006 – يىلدىن بۇيان قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن قامال ئاستىدا تۇتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر