چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1677481
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىدە، قىبرىس مەسىلىسى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمىلىرى كۈنتەرتىپكە كەلگەن.