چاۋۇشئوغلۇ: 172 مىڭ تۈركىيە پۇقراسى بۇلغارىيەگە كىردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «قۇربان ھيېت» نى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن 172 مىڭ تۈركىيە پۇقراسىنىڭ بۇلغارىيەگە كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1677486
چاۋۇشئوغلۇ: 172 مىڭ تۈركىيە پۇقراسى بۇلغارىيەگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ سوفىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئورتاقلاشقان ئۇچۇرىدا، ئەلچىخانىنىڭ، چېگرا ئېغىزلىرىدا ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھېيتتا ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولىمىز. تۈركىيەگە قاراپ سەپەرگە ئاتلانغان 172 مىڭ پۇقرايىمىز تۈنۈگۈن بۇلغارىيەگە كىردى. ئەلچىخانىمىز چېگرا ئېغىزلىرىدا ياردەمگە تەييار. بۇ ھەقتە ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇلغارىيە دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يول ئۇزۇن بولۇپ، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشلىق ھېسسىياتنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەي پۇقرالىرىمىز، بىز سىلەرنىڭ روھىي دۇنيايىڭلارنى ئوبدان بىلىمىز. سەپىرىڭلاش ئوڭۇشلۇق بولغاي!.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر