ئالتۇن ياۋروپا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ياغلىق توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ياۋروپا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ياغلىق توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1676752
ئالتۇن ياۋروپا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ياغلىق توغرىسىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋرىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك ممەھكىمىسى ئۇچۇر  - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ياۋروپا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ياۋروپادىكى شىركەتلەرنىڭ مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلىسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى ئەڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك مەھكىمىسى بولغان ياۋروپا ئادالەت دىۋانىنىڭ قارارى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «فاشىزمنىڭ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىشىغا ئىنساننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ خاتا قارار، ئىرقچىلىقنى يوللۇقلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. ياۋروپا تارىخىدىن قېچىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى باغرىغا بېسىشقا ئۇرۇنماقتا. كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بۇ قارارنى ئەيىبلەيمىز.» دېدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر