تۈركىيە سۈرىيەدىكى ب د ت ۋەكىللىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىدە پىرىنسىپال بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ سۈرىيەدىكى ۋەكىللىرىنى رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى پىرىنسىپال، تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

1676662
تۈركىيە سۈرىيەدىكى ب د ت ۋەكىللىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىدە پىرىنسىپال بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ، ئالدىنقى كۈنى ب د ت نىڭ دەمەشىقتە دائىمىي تۇرۇشلۇق كوردىناتورى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى، ب د ت نىڭ سۈرىيە كىرىزىسى رايونلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ب د ت بالىلار ياردەم فوندىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلۇق دىرېكتورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتىكى خاتالىقلار، تولۇقسىز ۋە قايمۇقتۇرغۇچى ئۇچۇرلارغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ خىل مەسىلىلەردە سەزگۈر بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

بىلگىچ بۇ ھەقتىكى سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا ب د ت بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ب د ت نىڭ دەمەشقتە دائىمىي تۇرۇشلۇق ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى، ب د ت رايونلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ب د ت بالىلار پاراۋانلىق فوندىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلۇق دىرېكتورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2021- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا ماددى خاتالىق، تولۇق بولمىغان ۋە قايمۇقتۇرغۇچى ئۇچۇرلار بار» دېدى.

بىلگىچ ئاللۇق سۇ پونكىتىنىڭ رەسۇلەينگە يېقىن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا جايلاشقانلىقىنى ۋە توك بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

بىلگىچ، مەزكۇر پونكىت بىلەن رەسۇلەين ۋە تەلئابياد رايونىنىڭ بىردىنبىر توك مەنبەسىنىڭ بولسا، جەنۇبتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ۋە ھاكىمىيەت ئاللۇق سۇ پونكىتى ۋە رايونغا بارىدىغان توكنى قەستەن توختىتىشقا ئۇرۇنماقتا. توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى پونكىتنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىشىنى يوققا چىقىرىپ، رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك شارائىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رەسۇلەين ۋە تېل ئابياد رايونىدا 18 – ئاپرېل، ئاللۇق سۇ پونكىتىدا بولسا، 26 – ئىيۇندىن بۇيان بۇ سەۋەبتىن ئېلېكتېر ئېنېرگىيەسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت باب رايونىنىڭ ئىچىملىك ​​ۋە دېھقانچىلىق سۈيى بىلەن تەمىنلىنىشىگە خالىغانچە توسقۇنلۇق قىلماقتا» دېدى.

بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىگە تاللاپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە كوۋىد – 19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ياشايدىغان نەچچە يۈزمىڭلىغان پۇقرانىڭ توك ۋە سۇدىن قەستەن مەھرۇم قىلىنىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىگە سەل قارىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بىلگىچ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ب د ت نىڭ رايوندىكى ۋەكىللىرىگە مەسىلىلەرنى پىرىنسىپال، تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر