مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېموكراتىيە نۆۋىتى تۇتۇلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 5-يىلىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېموكراتىيە نۆۋىتى تۇتۇلدى.

1676109
مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېموكراتىيە نۆۋىتى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 5-يىلىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېموكراتىيە نۆۋىتى تۇتۇلدى.

قوللىرىغا بايراقلىرىنى ئالغان مىڭلارچە كىشى، شەھەر مەيدانلىرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە 15-ئىيۇل قىزىلئاي مىللىي ئىرادە مەيدانىدا دېموكراتىيە نۆۋىتى تۇتۇلدى. 15-ئىيۇل قىزىلئاي مىللىي ئىرادە مەيدانى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ئىسيانچىلارغا قارشى تۇرغان مەيدانلاردىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

ئەنقەرەدە ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ۋە 51 خادىم شېھىت بولغان گۆلباشى ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىق مەركىزىدىمۇ خاتىرىلەش پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.

يالوۋا ئالتىنئوۋا رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر كېلىدىغان تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پىيادە يۈرۈش، ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئەزانلار، ئەنقەرە ۋاقتى 00:13 ئۆتكەندە مەملىكەت مىقياسىدىكى جامەلەرنىڭ ھەممىسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇلدى. ئىستانبۇلدىكى ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى، 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى سەۋەبىدىن قىزىل ۋە ئاق رەڭلەردە يورۇتۇلدى.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ھاۋا قاتناش كونترول مۇنارى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە بايرىقىغا پۈركەلدى.

گالاتا مۇنارى بىلەن ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىمۇ نۇرلار بىلەن يورۇتۇلدى.

چوڭ چاملىجا جامەسىگە «بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى شاد بولسۇن» دېگەن خەت نۇر بىلەن چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر