ئەردوغان 15-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەپ، ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنى ۋىدېئو ھەمبەھىرلەپ خاتىرىلىدى.

1675980
ئەردوغان 15-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنى خاتىرىلەپ، ۋىدېئو ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا «تۈركىيەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن خەتكۈچ بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «15-ئىيۇل ۋەتىنى ئۈچۈن جېنى بەدەل قىلىپ دۆلىتىمىزنى ئەسىر ئېلىشقا ئۇرۇنغان خائىنلارغا ساۋىقىنى بەرگەن بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز. بايراق چۈشمەيدۇ! ئەزان توختىمايدۇ!» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېئودا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى:

«چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. ۋەتىنىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئوقلارغا كۆكىرەك كېرىپ چىققان مەھمەتچىكلەر ئۆلمەيدۇ. تۈگىمەس جاسارەتكە ئىگە، 15-ئىيۇلدا ئىككى قىتئە تۇتاشقان يەردە، خائىنلارنىڭ مىلتىقىنىڭ ئۇچىغا قولىدا ھېچنىمە يوق ھالدا يۈرۈگەن، قورقماستىن ئىتتىپاقلاشقان خەلق بۆلۈنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى يېڭىلمەس. مۇداپىئەدىن تېخنولوگىيەگىچە، ئېنېرگىيەدىن سەھىيەگىچە بولغان ھەر ساھەدە كۈچەيگەن، ئەجرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەردىن كېيىن، نەپەس ئالماستىن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن خەلق يېڭىلمەيدۇ.

ماۋى ۋەتەندىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئورۇچ رەئس، بارباروس، تۇرگۇت رەئىس تىللاردا داستان بولغان ماۋى دېڭىزدىكى مەۋجۇتلۇقتىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. شەرقىي ئاقدېڭىزدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئاي يۇلتۇز يېتىپ بارغان ھەر جاينى يورۇتقان، موھتاجغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقان شەپقەت ۋە ياردەم تىرىشچانلىقىدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئىستىقبالى كۆكلەردە بولغان، ھەر قاچان يېڭىلىققا ۋە تېخىمۇ ياخشىغا قاراپ تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن يۈرۈگەن تۈرك ياشلىقىدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي كۈچنىڭ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئالىيجاناپ تۈرك خەلقىنى مەغلۇب قىلغىلى بولمايدۇ. سەن يۈزلەرچە يىلدىن بۇيان بايرىقىغا ۋە زېمىنىغا ئاشىق بولغان بىر خەلقنىڭ ۋەتىنى تۈركىيەدۇرسەن. تۈركىيەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر