فاھرەتتىن ئالتۇن 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى سەپەرۋەلىك ئېلانى ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 15-ئىيۇل شېھىتلىرىگە بېغىشلانغان «سىلەرنىڭ سايەڭلاردا» تېمىلىق ئاممىۋى سەپەرۋەلىك ئېلانى تارقىتىلدى.

1675661
فاھرەتتىن ئالتۇن 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى سەپەرۋەلىك ئېلانى ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئاممىۋى سەپەرۋەرلىك ئېلانىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا دۆلەت شېئىرىنىڭ «ھەققىدۇر، ھۆر ياشىغان بايرىقىنىڭ ئەركىنلىك. ھەققىدۇر، ھەقكە چوقۇنغان مىللىتىمنىڭ ئىستىقلال» دېگەن مىسرالىرى بىلەن قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆز ئاۋازىدا «دۆلىتىگە، دېموكراتىيەسىگە ۋە كەلگۈسىگە ئىگە چىققان مىللىتىمنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا سالام بولسۇن» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ئاممىۋى سەپەرۋەرلىك ئېلانىنىڭ ئاخىرىدا، « چاناققەلئەدىن 15-ئىيۇلغىچە جېنىنى قۇربان قىلىپ، بۇ ۋەتىنىنى قوغدىغان بارلىق شېھىتلىرىمىز ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلىرىمىزدىن مىننەتدارمىز» دېگەن سۆز ھەمدە يەنە «تۈركىيەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر