ئەردوغان: فەتۆچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى يوقىتىلىپ بولغۇچە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھۆكۈمەتنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1675314
ئەردوغان: فەتۆچىلارغا ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى يوقىتىلىپ بولغۇچە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پارتىيەسى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى)نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئەتە 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 5 – يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مەجلىسىمىز (پارلامېنتىمىز) ئۇ كېچە جەسۇر پوزىتسىيەسى بىلەن غازىلىق ئۇنۋانىغا لايىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)نىڭ ھازىرمۇ دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەزالىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. دىن تونىغا ئورۇنىۋېلىپ خەلقنى سۈمۈرىدىغانلارغىمۇ يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى قىلچە يول قويماستىن قانداق قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولساق، فەتۆگىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە ئىز قوغلاپ زەربە بېرىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى بۇنىڭدىن كېيىن چېگرالىرىمىزنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، تەھدىتلەر قەيەردە بولسا، شۇ يەردىن باشلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر