تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ يېڭى باش مۇدىرى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ  باش مۇدىرلىقىغا پروفېسسور دوكتور مەھمەت زاھىد سوباجى ۋە ت ر ت ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىگە پروفېسسور دوكتور ئەھمەت ئالبايراق تەيىنلەندى.

1675222
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ يېڭى باش مۇدىرى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم ئەرەن تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقانلىقى سەۋەبىدىن ت ر ت ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىقى ۋەزىپىسى ۋە ت ر ت باش مۇدىرلىقى ۋەزىپىدىن ئايرىلدى.

ئۇنىڭدىن بوشالغان مۇدىرلىق ۋە ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىق ۋەزىپىلىرىگە يېڭى كىشىلەر تەيىنلەندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي گېزىتنىڭ كۆپەيتىلگەن سانىدا ئېلان قىلىنغان قارارغا ئاساسەن پروفېسسور دوكتور مەھمەت زاھىد سوباجى  ت ر ت نىڭ باش مۇدىرلىقىغا ۋە پروفېسسور دوكتور ئەھمەت ئالبايراق ت ر ت ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

ئىبراھىم ئەرەن 2013-يىلى ت ر ت نىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى بولغان ۋە 2017-يىلى 7-ئايدا ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى شۇنداقلا  ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

ئىبراھىم ئەرەن 4 يىل مۇئاۋىن باش مۇدىر ۋە يەنە  4 يىل باش مۇدىر شۇنداقلا  ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى بولۇپ، ت ر ت دا جەمئىي 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر